Voir aussi بۇنىڭغىمۇ قاراڭ : ئات-

ئۇيغۇرچە (ug) تەھرىرلەش

باشقىچە ھالەتلىرى
كونا يېزىق ئات UEY
يېڭى يېزىق UYY
سىرىل يېزىقى ат USY
لاتىن يېزىقى at ULY

  ئومۇمىي ئىسىم 1 تەھرىرلەش

بىرلىك كۆپلۈك
ئات ئاتلار
 
[1] ئات
 
[2] شاھمات ئۇرۇقى: ئات
 
[5] ياغاچ ئات

ئات

  1. (زوئولوگىيە) ئات. ئاتنىڭ توپ ئاتىلىشى يىلقا، ئايرىم ئاتىلىشى تۇياق، ئەركىكى ئايغىر، چىشىسى بايتال.
    ئاتنىڭ يېشىغا قاراپ بۆلۈنۈشى:
    1. بىر ياشقا توشمىغان يىلقا «ياباغۇ»
    2. بىر ياشلىق يىلقا «قۇلان»
    3. ئىككى ياشلىق يىلقا «تايچاق، تاي»
    4. ئۈچ ياشلىق يىلقا «غۇنان»
    5. ئۈچ ياشلىق چىشى يىلقا «بىيە»
    6. تۆت ياشلىق ئەركەك يىلقا «دۆنەنچىن»
    7. تۆت ياشلىق بايتال «دۆنەنچىنبىيە»
    8. يېتىلگەن ئەركەك يىلقا «ئايغىر»
    9. يېتىلگەن چىشى يىلقا «بىيە»
    10. پىچىۋىتىلگەن يىلقا «ئات»
    ئاتنىڭ رەڭگىگە ئاساسەن بۆلۈنۈشى:
    1. كۈرەڭ ئات
    2. بوز ئات
    3. سۈر ئات
    4. ئاق بوز ئات
    5. تورۇق ئات
    6. چىلان تورۇق ئات
    7. قارا تورۇق ئات
    ئاتنىڭ ھەرىكىتى:
    1. ئاستا قەدەم بىلەن مېڭىش «ئاياڭدىماق»
    2. سىلىق مېڭىش «پايپاڭدىماق»
    3. سوكۇلداپ مېڭىش «بۇلاڭلىماق»
    4. ئۇششاق قەدەم بىلەن يۈگۈرۈش «بۈلكۈرمەك»
    5. مىسىلداپ مېڭىش «كىتىڭلىماق»
  2. (شاھمات ئۇرۇقى) ئات
    • ئاتقا توپنى تېگىشمەك

مۇناسىۋەتلىك سۆزلەر تەھرىرلەش

تەرجىمىلەر تەھرىرلەش

  تۈرلىنىشى تەھرىرلەش

ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ تۈرلىنىشى
ئات
بىرلىك شەكلى: ئات
كۆپلۈك شەكلى: ئاتلار
تولۇق تۈرلىنىشى بۇ يەردە

ئۇيغۇر تىلىدىكى ئات دېگەن سۆزنىڭ تۈلىنىشى.
كېلىشلەر بىلەن تۈرلىنىشى: 10 خىل
شەخسلەر بىلەن تۈرلىنىشى: تۈرلىنەلەيدۇ
تولۇق تۈرلىنىشى جەدۋىلى بۇ يەردە


  ئومۇمىي ئىسىم 2 تەھرىرلەش

ئات

  1. ئادەم ياكى مەلۇم شەيئىنىڭ نامى، ئاتىلىشى
    • ئېتىڭىز نېمە؟

  مەنىداش سۆزلەر تەھرىرلەش

  تۈرلەنگەن پېئىل تەھرىرلەش

ئات

  1. ئاتماق پېئىلىنىڭ بۇيرۇق شەكلى
  2. مىلتىق، تاپانچا ئاتماق