ياردەم:يېڭىدىن بىر بەت قۇرۇش

ئەگەر سىز يېڭىدىن بىر سۆز قوشماقچى بولسىڭىز، سىزنى قارشى ئالىمىز. بىراق سىز چوقۇم ۋىكىلۇغەت سۆز كىرگۈزۈش قائىدىسى بويىچە كىرگۈزىشىڭىز كېرەك. بولمىسا، كىرگۈزگەن سۆزىڭىزنىڭ باشقا تىللار بىلەن باغلىنىشى، تۈرلىرى ۋە ھەر خىل ئۇلىنىش سىتاتىسكىلىرى نورمال بولمايدۇ. تەپسىلاتىنى تۆۋەندىن كۆرۈڭ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمىز:

يېڭىدىن باشلاش تەھرىرلەش

سىز كىرگۈزمەكچى بولغان سۆزنى «ئىزدەش رامكىسى» غا (بەتتىكى ئورنى ئادەتتە سول تەرەپ يۇقۇرىدا) كىرگۈزۈپ ئىزدەيسىز. ئەگەر سىز كىرگۈزگەن سۆز لۇغەتتە بار بولسا سىزگە نەتىجىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر سۆز لۇغەتتىن تېپىلمىسا، سىزگە «بۇ wiki دا بۇنداق سۆز يوق» دەپ ئەسكەرتىش بېرىدۇ. بۇ چاغدا سىز ئەسكەرتىشتىكى كۆك رەڭلىك ئۇلىنىش (يېڭى سۆز باشلامچىسى) ئارقىلىق ئاپتوماتىك بەت قۇرۇش بېتىگە ياكى قىزىل رەڭلىك ئۇلىنىش (قۇرۇق بەت) ئارقىلىق قۇپقۇرۇق يېڭى بەت تەھرىرلەش بېتىگە كىرەلەيسىز. بىز سىزنىڭ كۆك رەڭلىك ئۇلىنىش (يەنى يېڭى سۆز باشلامچىسى) ئارقىلىق بەت قۇرۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. (ئەگەر سىز بەت تەھرىرلەشنى بىلمىسىڭىز، ياردەم:بەتنى قانداق تەھرىرلەيدۇ ياردەم بېتىنى كۆرۈڭ.) سىز مەزمۇننى كىرگۈزۈپ، تەھرىرلەپ بولغاندىن كېيىن، چوقۇم «ئالدىن كۈزىتىش» كونۇپكىسىنى بېسىپ، بىر كۆرۈۋېتىڭ. ئەگەر ھەممە نورمال بولسا، ئاندىن «بەت ساقلا» نى بېسىپ، بەتنى ساقلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ چاغدا بۇ سۆز لۇغەتكە كىرىپ بولىدۇ.

يېڭى سۆز باشلامچىسى ئارقىلىق يېڭى بەت قۇرۇش تەھرىرلەش

سىز مەلۇم سۆزنى ئىزدەپ تاپالمىسىڭىز، بۇ بەت سىزگە «سۈرۈشتۈرۈشكە ماس نەتىجە تېپىلمىدى» دەپ ئەسكەرتىش بېرىدۇ ۋە «ئەگەر سىز كىرگۈزگەن ئۇچۇرنىڭ ئىملاسى توغرا بولسا، يېڭى سۆز باشلامچىسى ئارقىلىق « ---- » بېتىنى سىز ئۆزىڭىز قۇرالايسىز» دەپ كۆك رەڭلىك ئۇلىنىشنى سىزگە تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ چاغدا سىز بۇ ئۇلىنىشنى بېسىپ، شۇ سۆزنىڭ تىلىنى، سۆز تۈركۈمىنى ۋە باشقا پارامېتىرلىرىنى تاللاش ئارقىلىق، ئاپتوماتىك ھالدا يېڭىدىن بىر بەتنى قۇرالايسىز. بۇ چاغدا بەتكە مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇق ۋە كودلار كىرگۈزۈلۈپ بولىدۇ. سىز پەقەت ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك جايلىرىنىلا ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز بولدى.

يېڭى سۆز باشلامچىسىغا باش بەتتىكى «يېڭى سۆز قوشۇڭ» ئۇلىنىشىنى بېسىپ كىرىشكىمۇ بولىدۇ.

قۇپقۇرۇق بەت (قىزىل رەڭلىك ئۇلىنىش) ئارقىلىق يېڭى بەت قۇرۇش تەھرىرلەش

سىز ۋىكىلۇغەتتە بار بولغان مەزمۇنلارنى كۆرۈۋاتقاندا، قىزىل ياكى كۆك رەڭلىك ئۇلىنىشلارنى كۆرىسىز. كۆك رەڭلىك ئۇلىنىش بۇ سۆزنىڭ لۇغەتتە بارلىغىنى بىلدۈرىدۇ. قىزىل رەڭلىك ئۇلىنىش بۇ سۆزنىڭ لۇغەتتە ھازىرچە يوق ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ. ئ‍ەگەر سىز بۇ قىزىل رەڭلىك ئۇلىنىشنى باسسىڭىزمۇ ئوخشاشلا، يېڭىدىن قۇپقۇرۇق بەت تەھرىرلەش بېتىگە كىرىسىز.