ئۇيغۇرچە (ug) تەھرىرلەش

باشقىچە ھالەتلىرى
كونا يېزىق ئوچۇق UEY
يېڭى يېزىق UYY
سىرىل يېزىقى очуқ USY
لاتىن يېزىقى ochuq ULY

  سۈپەت تەھرىرلەش

ئوچۇق

  1. تەرەپلىرى ھىچ نەرسە بىلەن توسولمىغان.
    • ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى ئوچۇق يەرگە ھەر خىل گۈللەر تېرىلغانىدى.
  2. ئۈستى يېپىلمىغان ياكى كۆپ قىسمى يېپىلماي قالغان.
    • ئالماس ئوچۇق سەيناغا چىققاندا، ئ‍ۇلار ئالماسنىڭ ئارقىسىدا ئىدى.
    • ئۇ ئەخمەتنىڭ ئوچۇق دالاندىن يۈگۈرۈپ كەلگەنلىكىنى كۆردى.
  3. يېپىلمىغان، ئېتىلمىگەن ياكى تاقالمىغان، قۇلۇپلانمىغان، قاناتلىرى ئېچىۋېتىلگەن.
    • داشانىڭ ئۇدۇلىدىكى دېرىزە ئوچۇق ئىدى.
    • ئايروپىلاننىڭ ئىشىكى تېخى ئوچۇق تۇراتتى.
    • دەم ئېلىپتۇ قاراۋۇلللىرى، ئوچۇق قېلىپتۇ ئۆي-ھۇجرىلىرى.
  4. يالىڭاچ، ئەت-تېرىلىرى كۆرۈنۈپ قالغان
    • ئوچۇق بەدەن
    • ئۇ ئوچۇق كۆكرىكىنى تۇمىقى بىلەن بىرنەچچە قېتىم يەلپۈپ قويۇپ، يەنە بېشىغا كەيدى.
  5. تۈز، راۋان، توسالغۇسىز.
    • دىلى ئوچۇقنىڭ قولى ئوچۇق، ئەل سۆيگەننىڭ يولى ئوچۇق (ماقال).
    • دېھقانغا جەننەتنىڭ ئىشىكى ئوچۇق (ماقال).
    • سىلەرگە مەكتىپىمىزنىڭ ئىشىكى ھەرقاچان ئوچۇق.
  6. يۇمۇلمىغان، يېپىلمىغان (كۆز، ئېغىز قاتارلىقلار ھەققىدە).
    • ئوچۇق ئېغىز ئ‍اچ ئۆلمەس (ماقال).
    • ئۇنىڭ كۆزلىرى تېخىچە ئوچۇق تۇراتتى.
  7. سۈزۈك، بۇلۇتسىز، بۇلۇت ياكى چاڭ-توزانلاردىن خالىي.
    • 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، ھاۋا ئوچۇق، سەل شامال چىقىپ تۇراتتى.
    • تاشۋاي ئوچۇق ئاسمانغا زوق بىلەن تىكىلگىنىچە ئەركىن بىر نەپەس ئالدى.
  8. زىل، سازم جاراڭلىق
    • تەمبۇر، دۇتارلار ئۈچۈن مېۋىلىك ئاق ئۈجمە ياغىچىدىن خەرەك ياساپ ئىشلەتسە، ئوچۇق ئاۋاز بېرىدۇ.
    • مۇشۇنداق قىلغاندا ئاھاڭلار ئوچۇق، پاكىز چىقىدۇ.
  9. بۇلغانمىغان، ساپ، سۈزۈك، راۋان
    • -ئاخشامقى كىشمىش ئۆرۈكتىن، -دېدى ئومان، -تومۇرىڭىزنىڭ ئوچۇق چېغىدا ئازراق يەپ باقامسىز؟
  10. تۈز، پاك، ھىيلە-مىكىردىن خالىي؛ خۇش خۇي، خۇش چاقچاق، مۇلايىم، چىقىشقاق.
    • ئۇ تولىمۇ خۇش چاقچاق، ئوچۇق يىگىت ئىكەن.
    • گۈلسۈمخاننىڭ ئوچۇق كۆڭۈللۈكى قوشنىلىرىغا يېقىپ قالغانىدى.
    • -ساڭا بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي،- دېدى موللازەيدىن ئوچۇق پېئىللىك بىلەن.
  11. ھەقىقىي، راست، توغرا؛ ئاشكارا، ئېنىق.
    • ئۇ بۇ قېتىم ئوچۇق گېپىنى قىلدى.
    • مەن ئۆز پىكرىمنى ئوچوق ئېيتتىم.
    • ئۇنىڭ رازىلىقى ئوچۇق كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
    • -خوش، -دېدى ئابباس ئەپەندى، -ئوچوق سۆزلىشەيلى.
  12. قېنىق، تۇتۇقنىڭ ئەكسى (رەڭ ھەققىدە).
    • -قاراڭ، -دېدى ئۇ ماڭا تېخىمۇ چۈشەندۈرۈپ، -رەڭگىمۇ شۇنداق ئوچۇق، ئايالىڭىزغا ئالغاچ بارسىڭىز خۇش بولماي قالمايدۇ.
  13. ھەممە كىشى ئۆز ئىختىيارى بويىچە قاتناشسا بولىدىغان، ئادەم چەكلەنمەيدىغان.
    • ئوچۇق يىغىن، ئوچۇق سوت
  14. ھېچكىمدىن يوشۇرۇلمىغان، ئوچۇق-ئاشكارا بولغان.
    • ئوچۇق قارشىلىق، ئوچۇق ھەرىكەت، ئوچۇق مۇناسىۋەت.

  رەۋىش تەھرىرلەش

ئوچۇق

  1. ئېنىق، روشەن، ئاسان بىلگىلى، سەزگىلى بولىدىغان ھالەتتە، گەۋدىلىك.
    • بۇ يەردە پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشى ئوچۇق ۋە مۇقىم بولىدۇ.

شەكىللەنگەن سۆزلەر تەھرىرلەش

  پايدىلانمىلار تەھرىرلەش

  • ئۇ.ت.ئى.ل: «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» «م-ئۈ» (1995) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى لۇغەت بولۇمى تۈزگەن. مىللەتلەر نەشرىياتى،