ئىشلىمەك
ئۇيغۇرچە (ug)
تەھرىرلەشباشقىچە ھالەتلىرى | ||
---|---|---|
كونا يېزىق | ئىشلىمەك | UEY |
يېڭى يېزىق | UYY | |
سىرىل يېزىقى | ишлимәк | USY |
لاتىن يېزىقى | ishlimek | ULY |
پېئىل
تەھرىرلەشئىشلىمەك
- ئىش بىلەن مەشخۇل بولماق، ۋاقتىنى ئىش بىلەن ئۆتكۈزمەك، ئەمگەك قىلماق، مېھنەت قىلماق.
- زاۋۇتتا ئىشلىمەك، ئېتىزدا ئىشلىمەك، زاۋۇتتا ئىشلىمەك
- بىرەر خىزمەتنى ئۆتىمەك، خىزمەت قىلماق، ئادا قىلماق، بېجىرمەك ياكى مۇلازىمەت قىلماق.
- ئىدارىدە ئىشلىمەك، دېرىكتور بولۇپ ئىشلىمەك، ئۇستامنىڭ قولىدا شاگىرت بولۇپ ئىشلىمەك. دوختۇرخانىدا ئىشلىمەك
- بىرەر ئىشنى، ۋەزىپىنى ھۆددىگە ئالغان ئاساستا ئىش قىلماق.
- ئۇ كېيىنچە ئوقۇتۇش-تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىدى.
- بىرەر نەرسە ياسىماق، ياساپ چىقارماق، ھازىرلىماق.
- قەغەز ئىشلىمەك، توڭلاتقۇ ئىشلىمەك، ئۇنىڭ ئۇزۇن قويرۇقى، ئاپئاق تۈكى بار، ئوتقا سالسا كۆيمەيدۇ دەپ ھېسابلايتى، شۇڭا ئۇنىڭدىن چىراق پىلىكى، قوغدىنىش رەختى ئىشلەيتى.
- بىرەر نەرسىنى، ئىشنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرمەك، ئىجاد قىلماق، ياراتماق، ۋۇجۇدقا چىقارماق.
- فىلىم ئىشلىمەك، كىنو ئىشلىمەك، MTV ئىشلىمەك، ئاھاڭ ئىشلىمەك. ئېلىكتىرۇنلۇق ئالبۇم ئىشلىمەك.
- قىلماق، تىكمەك.
- ياستۇققا كەشتە ئىشلىمەك، رەشىلىيە ئىشلىمەك، گۈل ئىشلىمەك
- ھەرىكەتتە بولماق، رولى بولماق، كارغا كەلمەك.
- بۇ ماشىنا ھازىرمۇ نورمال ئىشلەيدۇ
- ئۆز فونكىسىيەسىنى، رولىنى، ئىقتىدارىنى، ۋەزىپىسىنى نورمال جارى قىلماق، ئەسلىدىكى خىزمەت ئىقتىدارىنى ساقلىماق.
- كاللىسى ئىشلىمەك، ئۇنىڭ كۆزى ئىشلىمەيدۇ، ئۇ مېڭىسىنى ھېچ ئىشقا ئىشلەتمەيدۇ.
- ئەسقاتماق، كارغا كەلمەك، رولى بولماق.
- سېنىڭ ئاشپەزلىك ھۈنىرىڭ بۇ يەردە ئىشلىمەيدۇ. ئۇنىڭ داۋالاش كېنىشكىسى بۇ دوختۇرخانىدا ئىشلىمەيدۇ.
- بىرەر ئىش، مەسىلە قاتارلىقلارنى ھازىرلىماق، تەييارلىماق، بېجىرمەك.
- تاپشۇرۇق ئىشلىمەك، لايىھە ئىشلىمەك، بۇ ئوقۇغۇچى مەسىلىنى دوسكىغا ئىشلىدى. ئىشخانامدا ماقالە ئىشلەۋاتاتتىم، ئېشىك ئېچىلىپ بۆلۈم مۇدىرى كىرىپ كەلدى.