چاغاتايچە (chg) تەھرىرلەش

  ھەرپ تەھرىرلەش

او

  • « ئو، ئۇ، ئۆ، ئۈ » تاۋۇشلىرى. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار شەكىل جەھەتتىن پەرقلەندۈرۈلگەن ئەمەس. بۇ تاۋۇشلار تەلەپپۇزدا ئاساسەن تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى بويىچە پەرقلەندۈرۈلىدۇ. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىكى لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ يېزىقتىكى ئىپادە شەكىللىرى تۆۋەندىكىچە:
  1. سۆز بېشىدا «ا» بىلەن «و» نىڭ قوشۇلمىسى «او» شەكلىدە ئىپادىلەنگەن.
  2. ئەرەبچە، پارسچە سۆزلەردىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ كەينىگە قوشۇلۇپ بوغۇم ھاسىل قىلىدىغان لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار ۋە تۈركىي سۆزلەردىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ كەينىگە قوشۇلۇپ بوغۇم ھاسىل قىلىدىغان لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار «و» بىلەن ئىپادىلەنگەن.
  3. سۆز بېشى بولۇپ كېلىدىغان لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار (ئومۇمەن «ۇ»، «ۈ» تاۋۇشى) يەنە «ا» بىلەنمۇ ئىپادىلەنگەن.
  4. ئۈزۈك تاۋۇشقا قوشۇلۇپ بوغۇم ھاسىل قىلىدىغان لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار يەنە شۇ ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ زەممىلىك تەلەپپۇزى ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن.