تەۋبە: ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھىغا خىجالەت بولۇپ، پۇشايمان قىلىپ ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ تەۋبە-ئىستىغپار تىلەشتىن ئىبارەت؛ گۇناھ ئاللاھ بىلەن بەندىنىڭ ئارىسىدىكى ئىش بولۇپ، كىشىنىڭ ھەققىغە چېتىلمايدىغان بولسا، تەۋبەنىڭ قوبۇل بولۇشىغا ئۈچ شەرت ھازىر بولۇشى لازىم: 1-ئىلگىرى قىلىپ سالغان گۇناھلىرىغا پۇشايمان قىلىپ خىجىل بولۇش؛ 2-بۇندىن كېيىن قەتئىي گۇناھ قىلماسلىققا پۇختا ئەھدە-پەيمان بېرىش؛ 3-ئەگەر بىلمەي گۇناھ قىلىپ قالسا دەرھال گۇناھىدىن يېنىپ قاتتىق تەۋبە قىلىش ۋە گۇناھىدىن پۈتۈنلەي قول ئۈزۈش. ئەگەر گۇناھ كىشىنىڭ ھەققىغە چېتىشلىق بولسا، يۇقىرىقى شەرتلەردىن باشقا يەنە بىر شەرت قوشۇلىدۇ، يەنى ھەقنى ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ ئۇنى رازى قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ تائالا مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ سەۋەنلىكتىن قىلىپ سالغان گۇناھىنى، ئۇنتۇپ قېلىپ سادىر قىلغان گۇناھىنى ۋە باشقىلار تەرىپىدىن مەجبۇرلىنىپ قىلىپ سالغان گۇناھىنى مېنىڭ يۈز-خاتىرەم ئۈچۈن ئەپۇ قىلدى“(ئىبنى ماجە، بەيھەقى رىۋايەت قىلغان). ”ئىنسان بالىسىنىڭ ھەممىسى خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ، خاتالىق ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ ياخشىسى تەۋبە قىلغۇچىلاردۇر“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). ئاللاھ تائالا ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئىش بەندىنىڭ تەۋبە قىلىشى ۋە ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىپ گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشىدۇر، شۇڭا مۇئمىن مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ پەزلى-رەھمىتىدىن ھەرگىز نائۈمىد بولماسلىقى، ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇشى ھەم ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدۋار بولۇشى لازىم: ”(ئى مۇھەممەد! مېنىڭ تىلىمدىن) ئېيتقىنكى، ’(گۇناھلارنى قىلىۋېرىپ) ئۆزلىرىگە جىنايەت قىلغان بەندىلىرىم! ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئۈمىدسىزلەنمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن(خالىغان ئادەمنىڭ) جىمى گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر‘ “ {سۈرە«زۇمەر»(39-سۈرە)، 53-ئايەت}. تەۋبە-ئىستىغپار قىلىپ تۇرىدىغان بەندە ئاللاھنىڭ پەزلى-رەھمىتىگە ۋە مول نېمەت-رىزقىغا، جەننەت ئەھلىدىن بولۇش شاراپىتىگە ئىگە بولىدۇ: ”ئى مۇئمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار، ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ، سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ“ {سۈرە«تەھرىم»(66-سۈرە)، 8-ئايەت}. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋبە-ئىستىغپارنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە مۇنداق دېگەن: ”ئاللاھ داۋاملىق تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىدىغان ئادەمگە ھەر قانداق ئېغىرچىلىقتىن چىقىش يولى بېرىدۇ ۋە ھەر قانداق قايغۇ-ھەسرەتتىن خالاس تاپقۇزىدۇ، ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق ئاتا قىلىدۇ“(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەۋبەنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە: ”ئى ئىنسانلار! ئاللاھقا تەۋبە قىلىڭلار، مەن ھەر كۈنى ئاللاھقا 70 قېتىمدىن كۆپرەك تەۋبە-ئىستىغپار ئېيتىمەن ۋە كەمچىلىكلىرىمگە تەۋبە قىلىمەن“دەيدۇ (بۇخارى رىۋايەت قىلغان). تەۋبەنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە ھەدىس قۇدۇسىيدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھ تائالا ئېيتىدۇركى: ئى ئادەم بالىسى! سەن يالغۇز مېنىلا چاقىرىپ، پەقەت مەندىنلا ئۈمىدۋار بولساڭ سېنىڭ قانداقلىكى گۇناھىڭ بولسا مەغپىرەت قىلىمەن، پەرۋا قىلمايمەن. ئى ئادەم بالىسى! سېنىڭ گۇناھىڭ گەرچە بۇلۇتلارغا تاقاشسىمۇ، ئاندىن مەندىن مەغپىرەت تىلىسەڭ (گۇناھىڭنى) كەچۈرىمەن. ئى ئادەم بالىسى! ئەگەر سەن پۈتۈن يەر زېمىن مىقدارىدەك خاتالىقلارنى قىلساڭ، ئاندىن شۇ خاتالىقلار بىلەن ئالدىمغا كەلسەڭ، ماڭا ھېچ بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىسەڭ، مەن سېنىڭ قېشىڭغا يەر-زېمىندەك مەغپىرەت بىلەن كېلىمەن“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دەيدۇ: ”ئاللاھ تائالا كۈندۈزدە گۇناھ قىلغۇچىنىڭ گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن كېچىدە تەۋبە دەرۋازىسىنى كەڭ ئېچىپ بېرىدۇ ۋە كېچىدە گۇناھ قىلغۇچىنىڭ گۇناھلىرىغا تەۋبە قىلىۋېلىشى ئۈچۈن كۈندۈزدە تەۋبە دەرۋازىسىنى كەڭ ئېچىپ بېرىدۇ، بۇ ھال تاكى قۇياش غەرب تەرەپتىن چىققۇچە(يەنى قىيامەت كۈنىگىچە) داۋاملىشىدۇ“(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان). تەۋبەنىڭ قوبۇل بولمايدىغان ۋاقتى ھەققىدە قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېيىلگەن: ”ئاللاھ قوبۇل قىلىشنى ۋەدە قىلغان تەۋبە يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي(يەنى ئۆلۈم كېلىشتىن بۇرۇن) تەۋبە قىلغانلارنىڭ تەۋبىسىدۇر؛ ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. داۋاملىق يامان ئىشلارنى قىلىپ، بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا، ئەمدى تەۋبە قىلدىم، دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى( يەنى ئۆلۈم ئالدىدا ئىمان ئېيتتىم دېگۈچىلەرنىڭ ئىمانى) قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئەنە شۇلارغا قاتتىق ئازاب تەييارلىدۇق“{سۈرە«نىسا» (4-سۈرە)، 17-18-ئايەتلەر)؛پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”بەندە سەكراتقا چۈشۈپ قالمىغانلا بولسا، ئاللاھ ئۇ بەندىسىنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ“(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان). دېمەك، بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا ۋە قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن چاغدا تەۋبە قىلدىم دېگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ.

ھاسىل كالام، شەدداد ئىبنى ئەۋس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ”سەييىدۇل ئىستىغپار(تەۋبە-ئىستىغپارلارنىڭ خوجىسى) شۇكى، ئى پەرۋەردىگارىمىز! سەن مېنىڭ رەببىم سەن، سەندىن بۆلەك ئىلاھ يوق، سەن مېنى ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ بەندەڭمەن، ساڭا ئىمان ئېيتىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن ئىبارەت بەرگەن ۋەدەمدە كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بەر قارارمەن، ساڭا سىغىنىپ يامان قىلمىشلىرىمدىن پاناھ تىلەيمەن، سېنىڭ ماڭا بەرگەن نېمەتلىرىڭنى ئېتىراپ قىلىمەن، گۇناھلىرىمنى ئىقرار قىلىمەن، مېنى مەغپىرەت قىلغىن، گۇناھلارنى پەقەت سەنلا مەغپىرەت قىلىسەن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دەيدۇ: كىمكى يۇقىرىقى دۇئانى ئىخلاس بىلەن كۈندۈزى ئوقۇپ ئاندىن كەچ كىرگىچە ئۆلسە، ئۇ ئەھلى جەننەتتىن بولىدۇ؛ كىمكى ئۇنى ئىخلاس بىلەن كېچىسى ئوقۇپ ئاندىن تاڭ ئاتقۇچە ئۆلسە ئۇ ئەھلى جەننەتتىن بولىدۇ“(بۇخارى رىۋايەت قىلغان).