كۆجە نېمە ۋە قانداق ئېتىلىدۇ؟

كۆجە(köjé) - ئۇيغۇر خەلقى ياخشى كۆرىدىغان مەززىلىك تائاملاردىن بىرى. ئۇنىڭغا كۆكۋاش قوناق ئاساسلىق خۇرۇچ قىلىنغاچقا، ئۇنى كۈزدىلا ئېتىپ ئىچىشكە بولىدۇ. كۆجىنىڭ قايسى دەۋرلەردە پەيدا بولغانلىقى ھەققىدە بىرەر ئېنىق تارىخىي مەلۇمات بولمىسىمۇ، بىراق ئۇنى ئەجدادلىرىمىز كۆممە قوناق تېرىشقا باشلىغاندا ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، دېسەك ئۇنچە ئاساسسىز بولمايدۇ. كۆجە ئىنتايىن سىڭىشلىق تاماق بولۇپ، ھەرقانداق ئادەمگە ئېغىر كەلمەيدۇ. ئۇنىڭدىن سۈت تەمى تېتىپ تۇرىدۇ، ئىچكەندىن كىيىن ئادەمنىڭ مەيدىسى يەڭگىللىك ھېس قىلىدۇ. كۆجە مۇنداق ئېتىلىدۇ: ئاۋۋال يېتەرلىك مىقداردا پاكىز سويۇلغان كۆكۋاش تەييارلاپ، دېنىنى كاساڭغا مەدىكى قالغۇچە قىرىپ چۈشۈرۈپ، يۇمشاق سوقىمىز. ئۇنىڭدىن كىيىن سوقمىغا ئازراق سۇ سېپىپ، تىرىپى بىلەن سۈتىنى ئايرىيمىز. كىيىن گۆش، چامغۇر سېلىپ قاينىتىلغان شورپىغا ئايرىلغان داننى سېلىپ بىردەم قاينىتىمىز. ئۇنىڭدىن كىيىن قايناۋاتقان قازانغا قوناق سۈتىنى ئاز - ئازدىن قۇيۇپ، ماتىلاپ پىشۇرىمىز. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئەگەر كۆكۋاش سۈتى بىراقلا كۆپ قۇيىۋىتىلسە ياكى ياخشى ماتىلاپ بېرىلمىسە، سۈت بىلەن دان ئارىلاشماي، كۆجە بۇزۇلىدۇ. كۆجە پىشاي دېگەندە ئازراق يۇمغاقسۈت سېلىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىق لازىم. كۆجىنى يۇقىرىقىدەك ئەتكەندىن باشقا، قورۇپ ئېتىشكىمۇ بولىدۇ. بۇنداق كۆجىنىڭ قورۇمىسى ئادەتتىكى قورىمىلارغا ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، پەقەت ئاساسلىق خۇرۇچنىڭ تەييارلىنىشى ۋە ئېىلىشىلا يۇقىرىقى كۆجە بىلەن ئوخشىشىدۇ. كۆجىنى ئۇيغۇر رايونىنىڭ يەكەن دەرياسى بويلىرىدىكى دولان ئائىلىلىرىدە ناھايىتى ئوخشىتىپ ئېتەلەيدۇ.

مەمەتتۇرسۇن زۇنۇن «قىسقىچە ئۇيغۇر ئۆرپ - ئادەتلىرى قامۇسى»2019- يىلى لوندون نەشرى ،  1148- بەتتە